خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 600 سوملۇق «ۋىرۇستىن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى» كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.21

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «ۋىرۇس ۋاباسى تۈپەيلىدىن تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش» ھەققىدىكى خىزمەتنى باشلىغان ھەمدە 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە 600 سوم (83 دوللار) دىن «قۇتقۇزۇش پۇلى» تارقاتقان.

خەۋەردە بۇ پۇلغا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ پۇلغا ئېرىشكەنلەر ۋىرۇس ۋاباسىدا زىيان تارتقان رېستوران خوجايىنلىرى، ساياھەت ۋە قاتناش ساھەسىدىكىلەر، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەدىكى خوجايىنلار بولغان.

خەۋەردە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەمگۇزار تەبىئىتىنى نامايان قىلىدىغان ھادىسە سۈپەتلەنگەن بولسىمۇ، ئۈچ ئايدىن ئۇزۇن داۋام قىلغان «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش قامالى» دا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئۆلۈك ھالدا ئىجرا قىلىنغان قامال چارىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىلەرگە قانچىلىك زىيان سېلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز بولمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن خىتاي قاتتىق قامال ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىدىن توشۇلغان توك، كۆمۈر، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنىڭ نەچچە يۈز مىليون خىتاي خەلقىنى قانداق تەمىن ئەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا بولغان قامال چارىلىرىغا چىدىمىغان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردە نارازىلىق نامايىشىغا چىققانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى «دۆلەت ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىش» مېخانىزمىنى شەكلەن كۆچۈرۈپ ئازغىنە ساندا قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىشىدەك بۇ خىل ھادىسە نۆۋەتتە ئاشۇ خىل نارازىلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.