ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇم نىسبىتى ھەقىقەتەن نۆلگە چۈشتىمۇ؟
2022.12.21
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان سۈرەتلىك ۋە ۋىدىيولۇق خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنى تەكىتلەۋاتقان كۈنلەردە بېيجىڭدا يۇقۇم ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ، دورا يېتىشمەسلىكتىن ئۆلگەنلەر كۆپىيىپ كەتكەن. شېنياڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ يۇقۇمدارلار كۆپەيگەن، ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تالاغا چىقمىغانلار يەنىلا كۆپ سانلىق بولغان؛ دورىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سېتىۋېلىش، بېسىپ يېتىۋېلىش ۋە ئۆرلىتىپ سېتىش شامىلى ئەۋج ئالغان.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا «شىنجاڭ تورى» ئۆز تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، «خاتىرجەم بولۇڭلار! شىنجاڭ قەشقەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دورىلار يېتەرلىك، باھا مۇقىم» دېگەن خەۋەرنى چىقارغان. 21-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە مەكىت، مارالبېشى، قاغىلىق ناھىيەلىرىدىكى دورىخانىلاردا «تۆت خىل دورا»، داۋالاش ۋە ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكى، باھاسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېھتىياجى بارلارغا نورمىلىق سېتىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» مۇ 21-دېكابىر كۈنى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر تارقىتىپ، نۇقتىلىق دوختۇرخانا ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ يېتەرلىك سەپلەنگەنلىكى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كارىۋاتلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
ئۆتكەنكى خەۋەرلىرىمىزدە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقى ۋە بۇ ۋىرۇس بىلەن «ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىدىغانلىقى» ھەققىدە خەۋەرلەرنى تارقاتقانىدى. ئەمما مەزكۇر تاراتقۇلار ھازىر يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدارلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى كوۋىد سىياسىتىنى، يەنى قامالنى بوشىتىش ھەققىدىكى ماددىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقانلىقى، دوختۇرخانا ۋە ئامبۇلاتورىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.
يىللاردىن بېرى ئىچكىرى خىتايدا ئاپەت بولغاندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئامان قالمايدىغانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقى تەكرارلىنىپ كەلگەن ھادىسە ئىدى. ئىچكىرى خىتايدا ۋىرۇس ئاپىتى ئېغىرلىشىۋاتقان، ئۆلۈم-يېتىم كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا نەچچە ئايدىن بېرى يۇقۇم ئاپىتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇم ھەقىقەتەن نۆلگە چۈشتىمۇ؟ بېيجىڭدەك شەھەرلەردە دورا-ئوكۇللار ۋە كارىۋاتلار يېتىشمەي، يۇقۇمدارلار ئۆلۈۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر رايونىدا ھەممە نەرسە تەل، شارائىتلار يېتەرلىك بولۇپ كەتتىمۇ؟ ھالبۇكى، مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىمۇ دورا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.