بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: «ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئەمدى بىر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ»
2021.10.11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 10-ئۆكتەبىر ئۆز مۇخبىرىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان سەپىرىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىكەنلىك سىم توساقلار ئاساسەن غايىپ بولغان، كوچا-كويلاردىكى بىرونىۋىك ۋە نۇرغۇن كامىرالار يوقالغان بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن 4 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنى ھەممە يەردە كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن. بىر خىتاي دۇكاندار ئايال ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق تەدبىرلەرنى ماختاپ، ئۇيغۇرلار «بۇ يەردە ئەمدى بىر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،» دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ساقچى پونكىتلىرى شىنجاڭ كوچىلىرىدا غايىب بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي ئايرىمىچىلىق يەنىلا ئېنىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەۋھۇم بىر سىستېمىنىڭ ئىچىدە ھەر بىر ھەرىكىتى چەكلىنىپ ياشايدىكەن. قەشقەرنىڭ كىيىم تىككۈچىلىك دۇكىنىدىكى بىر خىتاي ئايال «كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىن بەك يىراقلاپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ،» دىگەن.
خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىشى يەنىلا مۇمكىن ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە يۆتكەلسىمۇ، ساقچىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە قەرەللىك ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «دېزىنفىكسىيە» قىلىنغان بىر خىل مەدەنىيەت ئالغان. خەۋەردە يەنە دائىرىلەر 2019-يىلى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، نۇرغۇن لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىلىگەنلىكى، ۋاقىتلىق لاگېرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كەڭ كۆلەملىك قاماق سىستىېمىسىغا ئۆزگەرگنلىكىنى بىلدۈرگەن.