ئۇيغۇر دىيارىدا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ توختىغانلىقى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى مەزگىللەردە ۋىرۇس مەنبەسى نامەلۇم ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تولۇق كونترول قىلىنغانلىقى بۈگۈندىن باشلاپ خىتاي ئاخباراتلىرىدا كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى نۆلگە چۈشكەن بولۇپ، شۇ كۈنى پەقەت ئالامەتسىز ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن بىرلا كىشى بايقالغان.

ھالبۇكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بەش يۈزدىن ئارتۇق خوجۇلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلاردا «ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش» چاقىرىقى بويىچە قاتتىق قاراۋۇللۇق ۋە نازارەتنى ئىجرا قىلىشقا ئاجرىتىلغان. «سوخۇ تورى» دا بولسا «بىرمۇ ئادەمگە سەل قارىماسلىق، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» ئۈچۈن 50 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋىرۇسقا قارشى بىرىنچى سەپكە ئاتلانغانلىقى ئېيتىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋۇخەن شەھرىدىمۇ «قاتتىق قامال» ئارقىلىق بارلىق ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنى بىر جايغا توپلىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئەھۋالنىڭمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «30-40 مىڭلاپ كادىرنى ۋىرۇسقا قارشى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتكەننىڭ ئۆزى ئۈرۈمچىدىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنىڭ تېخى تامامەن كونترول قىلىنىپ بولۇنمىغانلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالداشنىڭ قەستىدە بولۇۋاتىدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت