ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى بۇ جەھەتتىكى بەزى ھۆكۈملەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنى ئالغا سۈرۈش جەمئىيىتى» بىلەن «شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى» بىر تۈركۈم خىتاي «ھۆسنخەت ئۇستىلىرى» دىن ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا چاغانلىق ھال سوراشقا كەلگەن.
خەۋەردىن دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەر موي قەلەم ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە خىتايچە ھۆسنخەتنىڭ «كارامەتكە تولغان جەزبىدارلىقى» ۋە «سۇمباتلىق قۇرۇلمىسى» نى نامايىش قىلغاندا ئۇلارنى ئورىۋالغان ئۇيغۇرلار «بەس-بەستە ماختاپ كېتىشكەن» شۇنىڭدەك بىر قىسىم دوختۇرلار خىتايچە ھۆسنخەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھاياجانغا چۆمۈپ، ئۇلاردىن خىتايچە ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگەنگەن. خەۋەردە تۇرسۇنتاي مەمتىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ ھەتتا «خىتايچە خەتلەردىن قانچىلىك ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى» بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ «ھۆسنخەتچى ئۇستىلار» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى ھەمدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەزمۇنلارنى موي قەلەمدە يېزىپ چىققانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارغا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى» ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر شەكلى ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى مەدەنىيىتى قىشلىق كىيىم-كېچەك مودېللار مۇسابىقىسى» دىمۇ ئەكس ئەتكەن. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مودېل قىزلىرىنىڭ خىتايچە پاسوندىكى «چىپاۋ» كىيىمىنى كىيىپ، يەلپۈگۈچ تۇتۇپ ماھارەت كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن.
ئۇيغۇر مودېللارنىڭ خىتايچە كىيىملەر ئارقىلىق مۇسابىقىگە چۈشۈشى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ كۇڭزى تالىبلىرىچە كىيدۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى يەنە بىر ھادىسە سۈپىتىدە ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىلدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇددىئانىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىدۇ» دېدى.
