خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىكى نىشانىنى 40-50 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 8-فېۋرال كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردىكى «40 نەچچە، 50 نەچچە ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى» ئاچقان. يىغىندا تۆۋەندىكىلەر تەلەپ قىلىنغان: «يېزىلاردىكى «4 نەچچە، 50 نەچچە ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، يېزىلاردىكى 40 نەچچە، 50 نەچچە ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش كېرەك ـ ئومۇمىييۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»
خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى بىر ياقتىن ئەرزان باھادا ئىشقا سالسا، يەنە بىر ياقتىن نوپۇسنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. خىتاينىڭ يۇقىرىقى بۇ ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى ياشلار ئاساسىي نىشان بولغان. بىراق بۇ نۆۋەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس «40-50 ياشلىق كىشىلەرنى مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» نى تەكىتلىشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مۇتلەق كونتروللۇقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك چەمبىرىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نوپۇسنى ئومۇمىييۈزلۈك كونترول قىلىشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
