خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەندىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا 4200 دىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان بولۇپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىشانى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا قارىتىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى 2022-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 2775 خىزمەت ئورنىغا 3793 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، تىزىملاش رەسمىيىتىنىڭ 18-ئاپرېلدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ رايوندىكى يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۈەنمۇ 534 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. «بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسى ھەم تۇمشۇق ئىقتىسادى-تېخنىكا ئېچىۋېتىش رايونىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 21017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئولتۇراق ئۆي، پاراۋانلىق، يۇقىرى مائاش، توي قىلىدىغانغا ئۇيغۇر قىزلىرىنى تېپىپ بېرىش قاتارلىق ئىمتىيازلارنى ۋەدە قىلىپ، نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ چىققان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتكەن.
