ئۇيغۇر رايونىدا 2022-يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى باشلانغان
ئىچكىرى خىتايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن شەھەرلەرنى قامال قىلىش باشلانغاندىن بېرى چېكىنىپ كەتكەن ئىقتىساد خىتايلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسىدە مۇرەككەپ ۋە ئېغىر ئىشسىزلىق كرىزىسىغا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
-
مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-10 -
-
-
ئىچكىرى خىتايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن شەھەرلەرنى قامال قىلىش باشلانغاندىن بېرى چېكىنىپ كەتكەن ئىقتىساد خىتايلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسىدە مۇرەككەپ ۋە ئېغىر ئىشسىزلىق كرىزىسىغا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا 2022-يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەن. خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى بىرلىشىپ «شىنجاڭدا خىزمەت بار» تەشۋىقاتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغاندىن باشقا، ئالىي مەكتەپتە خىزمەت ئورنى تونۇشتۇرۇش، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ستۇدېنتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىزمەت ئورنىغا ئۇدۇللاش، توردا ئىمزا قويۇش، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىش تېپىشىنى ئاسانلاشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى يىلغىچە ئىش تاپالمىغان، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار تورغا كىرىپ، خىتاينىڭ ھەر قانداق ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلسا ياكى پراكتىكا قىلسا بولىدىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمەت تورى» غا كىرسە، «مىليون ئادەمنى پراكتىكا قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» نى كۆرەلەيدىكەن ھەمدە توردا ئىلتىماس قىلالايدىكەن.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرى ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن ئىش ئورنىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق ياخشى ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىشتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئىچكىرى خىتايدا ئىشسىزلىق كرىزىسى ئېغىرلاشسا، جان بېقىش قايغۇسىدا قالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يامراپ كىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، 24 ياشتىن تۆۋەن بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ جەلپ قىلىنىشى خىتاينىڭ بۇ رايوندا يىلتىز تارتىش نىيىتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.