يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بەشىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك «تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاھالە رايونى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن ئونى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى «ئاھالە رايونى» نىڭ سانى 29 غا يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ «تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاھالە رايونى» غۇلجا، قاراماي، سانجى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، خوشۇت، كۇچا، ئاتۇش ۋە خوتەندە بولۇپ، بۇ رايون تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يوق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇ «ئاھالە رايونى» تەۋەسىدىن تاللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لى جېنجياڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «بۇ تەدبىرلەر ھەر جەھەتتىن مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم چارە بولۇپ قالغۇسى» دېگەن.
ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېر سىستېمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى زور تۈركۈمدە خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت مەركىزى تۈزگەن «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» دوكلاتتا دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىغا «توپ باھا» بويىچە قانداق سېتىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغانىدى. ئەمدىلىكتە بۇ خىلدىكى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاھالە رايونى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ بىر شەكلى بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.
