بايىنغولىن ئوبلاستى بوۋاق بالىلارنى پەرۋىش قىلىدىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىكەن

يېقىندا بايىنغولىن ئوبلاستلىق پېداگوگىكا مەكتىپى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن 280 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. «بايىنغولىن گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش تۈرىگە يېڭىدىن «بالا بېقىش پروگراممىسى» قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىق بوۋاقلارنى بېقىش مۇلازىمىتىنى كۆزدە تۇتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليونغا يېقىن كىشى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تىرىك يېتىمغا ئايلانغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خەۋەردىن قارىغاندا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پېداگوگىكا مەكتىپى بوۋاقلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملار مەخسۇس كەسپىي نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە مەشغۇلات ماھارەت مەشىقى ئارقىلىق بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيەسى، پسىخىكا تەرەققىياتى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، بوۋاقلارنى بېقىشتىكى ئورتاق كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىدۇ.»

يۇقىرىقى مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە شەھەر ۋە يېزىلاردىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشنىڭ ئالدىدىكى دەسلەپكى تەربىيە ئورۇنلىرى، بوۋاقلارنى بېقىش مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرۋىشسىز قالغان بالىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن بېزەلگەن، ئەمەلىيەتتە بالىلار لاگېرلىرى بولغان يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنىپ، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر ھادىسە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ھەرىكىتى دەپ ئاتىماقتا.