خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان 2017-يىلى، ئۇيغۇر دىيارىدا يەسلىلەر پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا 4343 يەسلى بار بولۇپ، 2017-يىلى يەسلىلەرنىڭ سانى بىراقلا 7778 گە چىققان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، يەسلىلەرنىڭ قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشى بىنورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى نورمال تەرەققىيات بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، تۇتقۇندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى قېلىپ، «يەسلىلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ جايلاردا ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋال يەسلىلەرنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-يىلى رايوندا يەنە يەسلىگە بارىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتىمۇ شىددەتلىك ئارتقان.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، 2016-يىلى پۈتكۈل رايون مىقياسىدا يەسلىگە بارىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى 29.76% بولۇپ، 2017-يىلى بىراقلا 97.51% گە چىققان. خەۋەردە، 2016-يىلى 910 مىڭ 960 نەپەر بولغان يەسلى بالىلىرىنىڭ 2019-يىلى بىر مىليون 510 مىڭ 950 كە يەتكەنلىكى، يەسلىلەرنىڭ سانى ۋە يەسلى بالىلىرىنىڭ نىسبىتىدىكى شىددەتلىك ئارتىشىنىڭ نۇقتىلىق جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتنى ئاساس قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتتىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى.