ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقىي سودا مىقدارى تېز ئېشىۋاتامدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى»نىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئون ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقىي سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 194 مىليارد سوم (تەخمىنەن 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) يەتكەن. بۇنىڭدا تاشقىي سودا قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىن 60 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى بويىچە خىتايدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاشقىي سودا ئوبوروتىدا مال ئېكىسپورت قىلىش مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، ئىمپورتنىڭ مىقدارى 30 مىليارد سوم (تەخمىنەن 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئەتراپىدا بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقىي سودا ئېكىسپورتىدا كۆرۈلگەن بۇ خىل غايەت زور ئېشىش «دوستانە توپ»قا مەنسۇپ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا پائالىيىتى، شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارغا ئۇيغۇر دىيارىدىن قىلىنغان ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇ قاتاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ بۇ خىل ئېكىسپورت سودىسىغا پائال قاتناشقانلىقىمۇ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم يۈزلىنىش قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېكىپسورت قىلىنغان ماللارنىڭ ئاساسەن يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى، جۈملىدىن تۈرلۈك باتارىيەلەر، ماشىنا ۋە ئۈسكۈنىلەر بولغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سانائەتلەشكەن دەرىجىدىكى كۆلەملىشىشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ تاشقىي سودا ئىشلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا چارىلىرىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرى ھېچنەرسە دېمىگەن. ئەمما بۇ خىل ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا مال ئېكىسپورت قىلىشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»نىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا مال ئېكىسپورت قىلىشىنىڭ تېزدىن تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلەر قاتارىغا ئۆتۈۋاتقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان ئىدى.