كۈز پەسلى كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ساياھەت بايراملىرى، مەرىكىلەر قايناپ كەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.20

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىشقا كۈچەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مول-ھوسۇللۇق كۈز پەسلىدە تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ھەر خىل بايرام ۋە خىتايچە توي مەرىكىلىرى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 20-ئاۋغۇست چىقارغان سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-ئاۋغۇست تۇرپاندا باشلانغان ئۈزۈم بايرىمىدا نۇرغۇن خىتاي ساياھەتچىلەر ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىنغان.

«تۇرپاندا ئۈزۈم پىشتى» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەشۋىقات بايرىمىدا 630 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئۈزۈمزاردا ئۆستۈرۈلگەن 550 خىل ئۈزۈمنى تېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، 17-ئاۋغۇست كۈنى تۇرپان چوڭ تىياتىرخانىسىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىندا بەرگەن بىر سۈرەتلىك خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە 10 جۈپ قىز-يىگىت چوڭ بازار كوچىسىدا نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىدا كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5 جۈپ قىز-يىگىت خىتايچە ئادەت ۋە قىياپەت بىلەن، 5 جۈپ قىز-يىگىت زامانىۋى قىياپەت ۋە مەشرەپ ئۇسۇللىرى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، 5 جۈپنىڭ خىتاي، قالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەتتىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىللە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بارچە مىللەت بىر ئائىلە» تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىكنى «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىغا ماسلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل بايراملار ۋە كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا. شىۋېتسىيەلىك ئىنسانشۇناس ماگنۇس فىسكەسيۆ خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى ساياھەتچىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەشۋىقات ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يازغان ماقالىسىدە، بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە خەلقئارا تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆز ۋاقتىدا ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭمۇ قوللانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.