UHRP نىڭ دوكلاتىدا چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بارماسلىقى چاقىرىق قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.08.30

ئۇيغۇر رايونىدا بالايىئاپەتنى ئېغىرلاشتۇرغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بۇ رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە «گۈللەنگەن شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى قىلىشقا يوليورۇق بەرگەنىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم غەرب ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتى» نى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتچى ئاپارماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ھەممە نەرسىسى يوق قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۇ جايغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس، خىتايغا ياردەم بېرىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، Goway Travel قاتارلىق بىر قىسىم چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرى خىتاينىڭ «يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى پىلانى» غا قېتىلماقچى بولغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ئۇلارغا تۇرپان، قەشقەر، ئۈرۈمچىلەردىكى نۇقتىلىق جايلارنى ۋە «شىنجاڭ مۇزېيى» دېگەندەك ئورۇنلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەركىن ساياھەت ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان ئېكىسكۇرسىيە ھېسابلىنىدۇ.

بەزى ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغاندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرىنى چاقىرالمايۋاتقان ۋە كۆرۈشەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا، چەت ئەلدىن بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشى مۇناسىپ ئەمەس ئىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلار ساياھەتچىلەرنى كۈتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆزى خالاپ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ زورى ۋە بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.