تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى تەھرىرات ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.04.13

ئامېرىكادىكى داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتى (Tufts University) نىڭ كۈندىلىك گېزىتى خىتاي دۆلىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە بىر پارچە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان.

ماقالىدا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئاسپىرانتۇرىسىدا ئىنژېنېرلىق كەسپىي بويىچە ئوقۇۋاتقان كەۋسەر ۋاھىتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ قىلىۋاتقان ھەرىكىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ ئاساستا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 19 ياشلىق كامىلە ۋاھىت 12-ئاينىڭ بېشىدا قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتى ئاتۇشقا قايتقىنىدا سەۋەبسىز يەرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. كەۋسەر ۋاھىت شۇندىن بېرى سىڭلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

تۇفتىس كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كەۋسەر ۋاھىتنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۆزى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ئەمما 1955-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ بېكىتىلگەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق بىر پاجىئە بولۇپ قالغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

تەھرىرات ھەيئىتى ماقالىسىدە، تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنى خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە تەربىيەلەش جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش ھازىرقى زاماندىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى ئاساس قىلغان كېڭەيتىلگەن دەرسلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكىدا تۇرۇپمۇ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كەۋسەر ۋاھىتقا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماسساچۇسېتس شتاتىغا جايلاشقان تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتى 1852-يىلى قۇرۇلغان خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، كۈچلۈك ئىلمىي تەتقىقاتنى ئاساس قىلىدىغان بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن تونۇلغان سىياسىيونلار، دىپلوماتلار ۋە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.