ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-14
Share

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ سۇنۇلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىست كۇنىس 14-ئاپرىل «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» نىڭ يەنە بىر نۇسخىسىنى كېڭەش پالاتاسىدىمۇ سۇنغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئاۋام پالاتاسىدا سۇنۇلغان ئىدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭدەك قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركىي مىللەتلەرگە ئامېرىكانىڭ پ-2 ناملىق ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇساپىرلار ۋىزىسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىست كۇنىس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى داۋاملىق سۆزلىشى كېرەك. بىز يەنە ئۇيغۇرلارغا، دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋار قارىماقتا ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى ئۆتكەن ئاي ئاۋام پالاتاسىدا سۇنۇلغاندىمۇ، ئۇنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئۈمىد بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ لايىھە ماقۇللىنىپ قانۇنغا ئايلانسا، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ب د ت غا ئىلتىماس قىلماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە ئىلتىماس قىلىشىنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت