ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلاردىن چېلسى سوبولىك ۋە ئولىۋىيا ئەنۇس بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قۇل قىلىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۇتۇپ، تەۋرەنمەس بىر ئىرادە بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.
2024-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى دۇنيا خىرىستىيان ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىغا تەۋە بولغان «دۇنيانى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى دىرېكتورى چېلسى سوبولىك ۋە خودسۇن ئىنىستىتونىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئەنۇس «دۆلەتلىك ئوبزور» (National Review) تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا سۆزدىلا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ ئۈچ يىلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خېلى جىق ئىشلارنى قىلدى، ئەمدى بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك؛ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قۇل قىلىشىغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ھازىر تەۋرەنمەس بىر ئىرادە بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم بېرىدىغان پەيت كەلدى. ئەگەر ئامېرىكا بۇنداق قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرگە ئېغىر زىيان سالغان بولىدۇ».