خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 5 يىلدا كۇرس ئېچىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا ئوخشاش ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى كارخانىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ كۆپلەپ زاۋۇت ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇت ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. دائىرىلەر مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 200 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن مەزكۇر پىلان ئىلگىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ پىلان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
پائالىيەتچىلەر، مەزكۇر پىلاننىڭ نىشانى خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ رايونغا يۆتكەپ چىقىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.
لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر پىلان بىلەن كەلگۈسى 10 يىلدا بىر مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى. 2015-يىلى رايوندا 3.5 مىليون توننا پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ شۇ يىللىق خىتاي پاختا مەھسۇلاتنىڭ 62.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
