خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلار ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128 نەپەر ستۇدېنت پەيزىۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ھازىرغىچە 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، قانچىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق شەرھلەنمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىختىساسلىق خادىملار» سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان يۇقىرىدىكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار پەيزىۋات ناھىيەسى بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ئىمزالايدىكەن، ناھىيە ئۆز مالىيەسىدىن ھەر يىلى 120 مىليون سوم ئاجرىتىپ، بۇ 600 ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ھەل قىلىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى 124 باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، 97 يەسلىگە تەقسىم قىلىنغان.