خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 10-فېۋرال خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللىرىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا تېخىمۇ كۆپ مائارىپچى ئەۋەتىشنى، بۇ رايوننىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كارخانىلارنى بۇ رايونغا يۆتكەشنى تەكىتلىگەن.
ئۇ «مائارىپ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاساسى» دەپ كۆرسىتىپ، «ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيىلەش كېرەك» دېگەن.
لى كېچياڭ قوش تىللىق مائارىپنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ماختىشى دىققەت قوزغىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتايچىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپ، بۇنى، «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلىشىشىغا پايدىلىق» دەپ كۆرسەتسىمۇ، ئەمما «بەزى ئۇيغۇرلار بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان يەنە بىر خىل بېسىمى دەپ قارايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
لى كېچياڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كارخانا يۆتكەش ھەققىدە توختىلىپ، «يەرلىك شارائىتى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان كارخانىلارنى رايوندا تىزىمغا ئالدۇرۇش» نى، «خەلقنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىش تېپىشى، پۇل تېپىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىش» نى تەكىتلىگەن.
ئەمما، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىزچىل گۇمانلىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىن كۆپرەك تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىپ كەلگەن.
