خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلىشىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمىتى باشلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم يۆتكەشنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى غەربىي رايوندا مۇلازىمەت قىلىشقا سەپەرۋەرلىك پىلانى» نى رەسمىي باشلىۋەتكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت ۋە ئولاست، 74 ناھىيە ۋە شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. تىزىملاش خىزمىتى 6-ئايغىچە داۋام قىلىدىكەن.

مەزكۇر پىلاننى خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، كادىرلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش نىشانى 4000 نەپەر ئىكەن. مەزكۇر پىلان بويىچە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 20 مىڭ نەپەردىن ئاشىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشلەشنى تاللىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش، ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن قوشۇمچە ياردەم پۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلۈك ناملار ئاستىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر لاگېرغا قامالغاندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم يۆتكەش سالمىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ناھىيە تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلار بىلەن توشۇپ كېتىشى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت