لوپنۇر ناھىيەسىدە 3000 مو كېۋەز تېرىپ، ھەر مودىن 300 كىلوگرام پاختا ئالىدىغان خىتاي ياشلىرى پەيدا بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-05
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشىچە، يېقىندا لوپنۇر ناھىيەسىدە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئىككى خىتاي، زامانىۋى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ 3000 مو كېۋەز تېرىپ، ھەر مودىن 300 كىلوگرام پاختا ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق جەڭ ئېلان قىلىشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تولۇپ تاشقان» بۇ ئىككى خىتاي، تۇپراق نەملىكى ۋە ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتىن تارتىپ كېۋەز تېرىش ۋە پاختا يىغىشقىچە تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر بىر مو كېۋەزدىن 300 كىلوگرام پاختا ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق رىقابەت ئېلان قىلىشقان. 3000 مو يەرگە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا كېۋەز تېرىش ۋە پاختا يىغىشقا ئادەتتە 30 ئەمگەك كۈچى كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر تولۇق ماشىنىلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئۇنىڭغا ئادەم كۈچى كەتمەيدىكەن. نۆۋەتتە، لوپنۇر ناھىيەسىدە 1 مىليون 200 مىڭ مو كېۋەز مەيدانى بولۇپ، كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى 96 پىرسەنتكە يەتكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇپ، كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ۋە بىرقىسىم كېۋەز تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارنىڭ يەرلىرىنى «يەرلەرنى قايتىدىن ئۆلچەپ تەقسىم قىلىش» دېگەندەك ناملار بىلەن يىغىۋېلىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق شەكلىنى بىكار قىلىپ، بىڭتۇەننى مەركەز قىلغان ھەمدە سانائەت-كارخانا بىلەن ئېتىز-مەيداننى بىرلەشتۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان. لوپنۇر ناھىيەسىدە پەيدا بولغان بۇ خىتاي ياشلىرىنىڭ دىققەت قوزغىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلادلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ماكانلىشىش، خالىغانچە ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە بايلىق توپلاشقا ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت