ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل خىتايدىن 9 مىڭدەك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانغا كىرگۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل ئىچىدە خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدىن 9 مىڭدەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانغا كىرگۈزگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاز كەم 5500 نەپىرى، يەنى ئومۇمى ساننىڭ 62% ئى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7‏-ئىيۇن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە 8837 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 1842 نەپىرىنىڭ يەسلى، 4058 نەپىرىنىڭ باشلانغۇچ، قالغان قىسمىنىڭ تولۇق ۋە تولۇقسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا تۈركى مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغاندىن بۇيان مەزكۇر رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشى رايوندا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى زور بوشلۇقنى پەيدا قىلغان ئىكەن. بۇ يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىپ ياتاقلىق يىتىملار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا بولغان ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىن زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت