تۇرپان شەھىرى بىر تۈمەنگە يېقىن ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىسى» قوبۇل قىلغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

11-ئىيۇن كۈنى تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا رايونغا ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى قوبۇل قىلىش ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان تۇرپان شەھىرىنىڭ مائارىپ، قانۇن ۋە داۋالاش ساھەلىرىگە قوبۇل قىلىنغان ئادەم 9892 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىن قوبۇل قىلىنغان ئادەملا 1000 نەپەردىن ئارتۇق بولغان.

خەۋەردە يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى رايوندا تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي، خىزمەت مۇھىتى ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى تۇرپانغا يېڭىدىن 830 يۈرۈش تۇرالغۇ بىنا سالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىڭلاپ، تۈمەنلەپ ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، خىتاي مىللىتىنى رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت