خىتاينىڭ تىبەتتىكى بىر ھەربىي قىسمى خوتەن شەھىرىگە يۆتكەلگەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى بىر ھەربىي قىسمىنىڭ زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى ئاتالمىش ھەقىقىي «جەڭ مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈش نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىگە يۆتكەلگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىگە قارشى ئاتالمىش «جەڭ مانېۋىرى» ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ «مانېۋىر» نىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەربىي قوشۇننىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى لخاسادىن ئايرىلغان بۇ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ خوتەن شەھىرىگە 10 كۈن بۇرۇنلا كىرىپ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ئىككى ئەترەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈنلەردىمۇ يەنە كۆپلىگەن «مانېۋىر» لارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخبارات رازۋېدكىسى، جەڭ پىلانى ۋە يىراق ئارىلىقتىن زەمبىرەك ئارقىلىق ئوققا تۇتۇش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن.

«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە چېگرا رايونلىرى بولغان تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ھەربىي «مانېۋىر» لارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ۋە شۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىكلەر رايوننى خىتاينىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكى، تانكىلارنىڭ دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، كوچىلارنى چارلايدىغان خىتاي ھەربىيلەرنىڭ قوراللىرىنى ئېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەنىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «جەڭ مانېۋىرى» ئېلىپ بېرىشى، ئۆز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشى «مۇقىملىقنى قوغداش» نامى ئاستىدا رايوندىكى يەرلىك ئاممىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرەلمەي، ئۆزىگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت