قەشقەردە قۇرۇلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى» دەسلەپكى قەدەمدە 10 مىڭ خىتاينى ئىشقا ئالغان
2024.07.23
يىللاردىن بېرى ئىچكىرى خىتايدىن ئادەم ئەكېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى» قۇرغان بولۇپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ خىل مۇلازىمەت مەركەزلىرى قۇرۇپ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن «تېخنىك خادىملار» نى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» تورى، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 23-ئىيۇل چىقارغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 22-، 23-كۈنلىرى قەشقەردە «شەندۇڭ-شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» باشلانغان. شەندۇڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى نازارىتى، شەندۇڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى» قوماندانلىق شىتابى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەتتە، خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلارغا 10 مىڭدىن كۆپ ئىش ئورنى تەمىنلەنگەن.
پائالىيەت مەزگىلىدە شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنە قەشقەردە «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى» قۇرۇپ، شەندۇڭدىن داۋاملىق «ئىختىساسلىق خادىم» ماڭدۇرۇش يولىنى ئاچقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى» مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئىچكىرى خىتاينىڭ ئۆزئارا ئادەم يۆتكەش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بولۇپ، «شىنجاڭ خەلقىنى ئىچكىرى خىتايغا بېرىپ ئىشلەشكە، ئىچكىرى خىتايدىكىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش» مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىن ئادەم چىقىرىش، ئىچكىرىدىن ئادەم كىرگۈزۈش» سىياسىتى ئەسلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بولۇپ، ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىل قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى «يۆتكەپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» نى قوللىغان ئىكەن. شى جىنپىڭ 2023-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىپ ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەندە، يەنە شۇ سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.