ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئىچكىرىدىن ئىككى مىڭ كادىر قوبۇل قىلىش غۇلغۇلا قوزغىدى
2020.08.05
مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ غايەت زور روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ لايىھە بويىچە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «ئۈچكە يۆلەك بولۇش، بىرنى قوللاش» چاقىرىقى بويىچە كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 ئىدارىگە كادىرلىققا قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ تۈركۈمدە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلارغا مائاش ۋە تۈرلۈك سۇغۇرتا جەھەتتە زور ئېتىبار قىلىنىدىغان بولۇپ، مائاشتىن سىرت ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 40 مىڭ سوم (تەخمىنەن ئالتە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. خەۋەردە بۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تېزرەك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تەدبىر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ تەدبىرلەرنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئاشكارا ھالدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكادىكى كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، بۇ ھالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن باھانىدە خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئايدا نەچچە يۈز سوملۇق مائاشقا ياللاپ ئېلىپ كېتىشى ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىز ياكى لاگېرغا قامالغان ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئاسانلا پاش بولىدىكەن. بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ قۇربانى بولۇپ ھەقسىز ياكى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نى داۋام قىلىۋاتقاندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇنچە كۆپ ساندىكى خىتاي كادىرنى يۇقىرى مائاش ۋە باشقا ئالاھىدە تەمىنات بىلەن خىزمەتكە ئېلىش ئەمەلىيەتتە ئاقسۇدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرىدىغان «ئەمەلدارلار قوشۇنى» نى تېخىمۇ زورايتىدىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن «روشەنكى، ئىككى مىڭ كادىرنى بىراقلا ئىشقا ئېلىش چاقىرىقى ئەمەلىيەتتە ئاقسۇدىكى كەسپىي ئورۇنلاردىن قانچىلىك ئادەمنىڭ سىرلىق ھالدا غايىب بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نوپۇس يۆتكەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ قايسى يۆنۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەڭ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.