خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش» قا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئومۇمىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئوقۇشقا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتماسلىق، ئەكسىچە «شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش» قا چاقىرغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى خىزمەت ئورنىغا ئادەم يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار يۇقىرى مائاش، ئەۋزەل خىزمەت شارائىتى قاتارلىقلارنى ۋەدە قىلىش بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلىش، شۇ ئارقىلىق مۇقىم كەسپىي ھايات بەرپا قىلىشقا چاقىرغان.

ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقى ياكى لاگېرلارغا يوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ئەھۋال توغرىسىدا پىكىر قىلىپ: «ئادەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ھېچقانداق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئەڭ دۆتلىرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئوقۇغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. ئەمدى مۇشۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئىدارە ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە چۈشسە مۇستەملىكە ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولىدۇ. بۇ سېپى ئۆزىدىن ھەم ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ھەم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتەك قوش مەقسەتنى كۆزلىگەن يىرگىنىچلىك پىلان،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت