تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ «شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان» خىتاي ئوقۇغۇچىلار 55 مىڭغا يەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.10.24

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان 80 مىڭدىن كۆپ خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن تەخمىنەن 55 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر رايونىدا قېلىشنى تاللىغان.

بۇ خەۋەردە، جەنۇبتىكى ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت-قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىغا جەنۇب بىلەن شىمالدىنلا ئەمەس، ئىچكىرى خىتايدىن، دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەردىنمۇ ئوقۇغۇچى كېلىپ ئوقۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن ئاساسلىق سەۋەبنىڭ، ھازىر پۈتكۈل خىتايدا بۇ رايونغا بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭنى يېڭى يىپەك يولىدىكى ئىقتىساد بەلۋېغىغا ئايلاندۇرۇش» پىلانىغا ماسلىشىش ئۈچۈن تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى غايەت زور كۆلەمدە كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقان، شارائىتىنى ئالاھىدە ياخشىلاۋاتقان بولۇپ، خىتاي ياشلىرىنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ ئوقۇشىغا ۋە يەرلىشىشىگە ئىلھام بەرمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى سېنبېرگ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول مائارىپ گەۋدىسى» تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپى ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى ئەھۋالدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئېرىشىدىغان خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كۆپ، تەمىناتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭلىق بىلەن قانائاتلەنمەي، يۇقىرى مائاش ۋە پاراۋانلىق ۋەدىسى بىلەن ئىچكىرىدىن «ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش» نى يولغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.