خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 4-5 يىلدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 21 مىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.12.11

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 4-5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زور كۆلەمدە ئوقۇتقۇچى يۆتكەپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەپ، خىتاي تىلىنى رايوندىكى بىردىن-بىر مائارىپ تىلىغا ئايلاندۇرغان، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىدىن تازىلاپ چىقارغان، بەزىلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ مەزگىل ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىگە 21 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان.

خەۋەردە، بۇنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يۈز بەرگەنلىكى، «يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئۆيى، يېزا-بازاردا ياتىقى بولۇش ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشقانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئاقسۇدا تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ۋە تەمىناتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زور كۆلەملىك ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشى ئۇنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى بىردەك بىكار قىلىپ، مەكتەپ، ئىدارە-جەمئىيەت، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى چەكلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىيات، تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئاتا-ئانىسىز قالغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدىكى يېتىمخانىلىرىغا يۆتكىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.