خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي ياشلىرىدىن كۆپلەپ ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، بىۋاسىتە «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئون مىڭ ئوقۇتقۇچىنى ياردەمگە ئەۋەتىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە 25-دېكابىر كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا ئون مىڭ كىشىلىكتىن ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش قارار قىلىندى،» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار 2018-يىلى ئەتىيازدىن بۇرۇن خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ بولۇشى لازىم ئىكەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بىۋاسىتە ئەۋەتمەكچى بولغان بۇ ئون مىڭ ئوقۇتقۇچىغا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ «سىياسىي» جەھەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ۋەتەننىڭ بىرلىكى» نى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى قوغدايدىغان بولۇشى قەتئىي تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار چېگرا رايونلارغا بارغاندىن كېيىن ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشى ھەققىدە ئانالىزچىلار تېگىشلىك پىكىرلەردە بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشسىز تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئىچكىرىدىن بۇنچە كۆپ خىتايلارنى ‹ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش› دېگەن نامدا يۆتكەپ كېلىش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ، خالاس،» دېدى.