ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئەزاسى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى، ئەركىن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھالقىلىق قانۇنلارنى ماقۇللىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ماركو رۇبىيو، بۇ چاقىرىقنى ب د ت نىڭ 23-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان. ماركو رۇبىيو بۇ يىغىننىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا خەت يېزىپ، بىلىنكېننىڭ قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان 4 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان.
ب د ت نىڭ 23-يانۋار كۈنىدىكى باھالاش يىغىنىدا، ئامېرىكا باش ئەلچىسى سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاش قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە X تە ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەپتە كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ مېڭە يۇيۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قاتتىق نازارەت قىلىش، شۇنداقلا ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سورىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىقلار ئادالەتكە ئېرىشىشكە لايىق! ئەركىن دۇنيا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك. »
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ب د ت نىڭ 23-يانۋار كۈنىدىكى باھالاش يىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» ئاقلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلغان، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، كۇبا، رۇسىيە ۋە پاكىستانغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق 31 غەرب دۆلىتى خىتاينى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلغان.