ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بولغان كەمبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان نازارەت ۋە باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ سۆھبەتنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنازىرە توپلۇقى بولغان «كەمبىرج بىرلەشمىسى» (Cambridge Union) ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى قاتنىشىپ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
13- فېۋرال كۈنى ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئىلغار پەن-تېخنىكىلار ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يېڭى مەنبەلەرنى بەرپا قىلىشتەك ئىجابىي روللارنى ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولغان ۋەزىيەت ئاساسىدا قاراپ چىقىلغان . ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار بىرلىكتە ئىلغار تېخنىكىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلگەنلىكى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىكى ئالگورىزىمنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نازارەت تېخنىكىسىنى قوللىنىشى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
«كەمبرىج بىرلەشمىسى» ئەنگلىيە كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنازىرە ۋە سۆز ئەركىنلىكى توپلۇقى بولۇپ، كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1815-يىلى قۇرۇلغان بۇ بىرلەشمە يەنە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ كونا مۇنازىرە جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «كەمبرىج بىرلەشمىسى» ھازىرغىچە نۇرغۇن داڭلىق دۆلەت ئەربابلىرىنى، سىياسىيونلارنى، كەشپىياتچى ۋە چولپانلارنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان.