مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەركىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكانىڭ «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىدا «غەرب ئاكادىمېكلىرى شىنجاڭدا يوقاپ كەتكەن دوستلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەرنى خىتايغا كىرىشتىن چەكلىگەنلىكى، ئۇلارغا تەھدىت سالغانلىقى، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى كۆپلىگەن مىساللار بىلەن يورىتىپ بېرىلگەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جۇئاننى سىمىس فىنلى (Joanne Smith Finley) 2017-يىل ناخشىچى ئابدۇرەھىم ھېيت تۇتۇلۇپ كەتكەندە ئۇنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن؛ ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ئەلىس ئاندېرسون (Elise Anderson)، تىمەس گروس (Timothy Grose) قاتارلىقلار فولكلورشۇناس ئۇستازى راھىلە داۋۇت 2017-يىل تۇتۇلۇپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي كەلگەن؛ ئىنسانشۇناس ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دەررېن بايلېر 2018-يىل تۇتۇلغان دوستى، داڭلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىدىن كۆپ قايغۇرغان. بۇ ئاكادېمىكلارنىڭ ھەممىسى 2018-يىلدىن كېيىن خىتايغا كىرىشتىن چەكلەنگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە، كىتاب يازغان چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەرنى تەكشۈرۈپ باھالىغان، خىتايغا قارشى گەپ قىلسا ۋىزا بەرمىگەن. مەسىلەن، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) 2004-يىل نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ: خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چېگرا رايونى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بىر ماقالىسى ئۈچۈن خىتايغا بېرىشتىن چەكلەنگەن.
خىتايغا بېرىشتىن چەكللىنپلا قالماي، خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر تەشۋىقات ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىلىغىنى ئۈچۈن زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى مۇتەخسىسلەر ئۇيغۇر رايونىغا بارالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، بەزىلىرى تەتقىقاتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان. ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندا ئۇچراشقان، تونۇشقان، دوستلاشقان كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي، ئىزتىراپ چەككەن. بەزىلىرى ئۆزىنى ئۇلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشغا سەۋەب بولغاندەك ھېس قىلىپ ئازابلانغان.
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن بۇ ئاكادىمېكلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇ دىيارغا قايتا بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەر خىللىرى ۋە ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئازابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شۇ دوستلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
