ئۇيغۇرشۇناس داررىن بايلېر تېررورلۇق كاپىتالىزىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق باغلىغانلىقىنى يازدى

كانادادىكى سىمون فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داررىن بايلېر «ئۇلۇس» تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي تېررورلۇق كاپىتالىزىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن قانداق باغلىغانلىقىنى يازغان. داررېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭدىكى لاگېرلار بىلەن ئامېرىكادىكى گۇۋاھنامىسىز ئىشلەش ئەركىنلىكسىز ئوخشاش بىر گەۋدىنىڭ پارچىلىرى» ئ‍ىكەن. ئۇ ماقالىسىدە؛ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىللىق جەريانىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، لاگېرلار ۋە زاۋۇتلار ئەمگىكىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچلەرنى «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» دەپ شەرھىلىگەن.

داررېن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» كاپىتالنىڭ بىر خىل رادىكال شەكلى بولۇپ، «ئۇ مىللىي ۋە ئىرقىي پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان تەھدىتتىن پايدىلىنىپ، يېڭى شەكىلدىكى مەبلەغ توپلاش ۋە دۆلەت كۈچى ھاسىل قىلىدىكەن».

بۇ بىر غەرب مۇتەخەسسىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۇنىڭ دۆلەت كاپىتالىستىك ئىقتىسادى پائالىيىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشىدۇر.

ئۇ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق باغلىدى» ماۋزۇلۇق مەقالىسىدە «كاپىتالىزمنىڭ يېڭى چېگراسىنى بەرپا قىلىش

بازار سىرتىدىكى نەرسىلەرنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىلگىرى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش، مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلەرنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش ۋە ئىرقلاشقان كىشىلەرنى سانائەت ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۆۋەن مائاشلىق ئىشلەشكە ياكى ھېچقانداق ھەق بەرمەسلىككە مەجبۇرلاش تەرىقىسىدە بولغان بولسا، دەۋرىمىزدىكى سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتى بۇنى خاراكتېر، بىئو-سانلىق مەلۇمات، دېگەنلەرنى ئىشلىتىپ، ئۈنۈم، ئېھتىياج ۋە جىنايەتكە ئ‍وخشاش ھادىسىلەرنى ئالدىنئالا ئ‍ۆلچەيدىغان، پەرەز قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەشكە يۈزلەندۈرگەن».