مىچېل باچېلېت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشقا چاقىرىلغان
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. 18-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركېلىي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باچېلېتقا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، بۇ دوكلاتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا ئۇلار مىچېل باچېلېتتىن ب د ت مۇنبىرىدە بۇنىڭدىن بىرەر يىلچە ئىلگىرى كۆرۈلگەن «خىتاينى قوللاش» شامىلىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىلا 50 نەچچە مۇتەخەسسسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم» دېگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. مەكتۇپتا ئېنىق قىلىپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ شۇنچە كۆپ مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان شۇنچە كۆپ تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۇق. سىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىشىڭلار، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇ جايدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقراق بىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلاتى 2021-يىلى سېنتەبىردە قولدىن چىققان بولسىمۇ، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئىكەن.