ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - قېتىملىق خەلقئارالىق «ئالتۇن قاپلان» كىنو فېستىۋالى ئاخىرلىشىپ، ئۆتكەن ھەپتە فېستىۋال نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى، «ئۆزبېكىستان مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى فوندى»نىڭ رەئىسى گۇلنارە كەرىموۋا تەشكىللىگەن مەزكۇر خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم كىنو چولپانلىرى ۋە ياخشى فىلىملىرى قاتناشتۇرۇلغان.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيە فىلىمى «قوغدىغۇچى مۇنار» ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئىران فىلىمى«لەيلى بىلەن تونۇشۇش» فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ئادىل يارالى ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېكىستان كىنو ئارتىسى بەختىيار قاسىموف«باغ» فىلىمىدە ئوينىغان رولى ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىست» مۇكاپاتىنى ئالغان.
گۇلنارە كەرىموۋانىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر كىنو فېستىۋالىغا خىتايمۇ ئۆز فىلىملىرى ۋە ئارتىسلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، موڭغۇللار تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن «سەجدە قىلغۇچى» فىلىمىدە باش رول ئوينىغان موڭغۇل ئايال ئارتىسى نۇرمىڭ خۇئارى «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىست» مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.
تاشكەنت كىنو فېستىۋالىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئائىت ئىشلەنگەن ئۇيغۇر ئارتىستلىرى رول ئالغان فىلىملەرنى ئەۋەتكەن ياكى ئەۋەتمىگەنلىكى نامەلۇم.
بۇ كىنو فېستىۋالىغا يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا، خىتاي، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم داڭلىق كىنو رېژىسسورلىرى ۋە ئارتىسلىرى پەخرىي مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۇش مۇمكىنكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تاشكەنت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقا ھەم لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇلغان. بۇ يەردە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئارالىق كىنو فېستىۋاللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
