ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرىنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىغان

ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوۋ باشچىلىقىدىكى ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىل 29-فېۋرال كۈنىدىن 1-مارت كۈنىگىچە قەشقەردە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قىرغىزىستان مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ رەئىسى ئاقىلبېك جاپپاروۋمۇ قاتناشقان «ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى» گە قاتناشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ جۇمھۇرىيەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ب د ت دا ئۇنىڭ قىلمىشىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.

3-مارت كۈنى، ئەنگلىيە «تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغان بىر تەرىپى، قەشقەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ كەلگەن ياقۇپبەگ قەشقەردە مۇستەقىل خانلىق قۇرۇپ 10 يىل سورىغان. بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىن ئېيتقاندا، ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ بۇ زىيارىتى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزۈشكەن «يېڭى دەۋردىكى تولۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىدىن بىرى ئىكەن؛ چۈنكى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېف بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 52 مىليارد دوللارلىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 30 يىلدا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان بولۇپ، بەلكى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرىنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ باستۇرۇشلىرىنى يوللۇق، قانۇنلۇق كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدىكەن.