موسكۋادا 12 نەپەر ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقراسى «ھىزبۇت تەھرىر» بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان بىلەن قاماققا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.11


مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان 25 نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇھاجىرلاردىن 12 نەپىرى يېقىندا موسكۋادا سوتلانغان. ئۇلارنىڭ «ھىزبۇت تەھرىر» تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان بىلەن ئەيىپلىنىپ قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

«ئازادلىق راديىئوسى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋادا سوتلانغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ۋەتەنداشلىقىدىكى كىشىلەر ئىكەن. ھالبۇكى، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تاراتقۇلار رۇس ساقچىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا موسكاۋادىكى بىرقانچە ئولتۇراق بىناغا باستۇرۇپ كىرىپ، جەمئىي 25 نەپەر مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى رۇسىيە ۋەتەنداشلىقىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبەكلەر ئىكەن.

خەۋەردە تىلغف ئېلنىىشىچە، موسكۋادا سوتلانغان 12 نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇھاجىر «رۇسىيەدە پائالىيىتى چەكلەنگەن "ھىزبۇت تەھرىر" تەشكىلاتىنىڭ زەنجىرسىمان تورىنى قۇرۇش ۋە تەشكىلات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش» بىلەن ئەيىپلەنمەكتىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە تاراتقۇلىرى يەنە سانكىت-پېتېربۇرگدا 6 نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىلەن داغىستانلىق مۇسۇلماننى «ھىزبۇت تەھرىر» گە باغلاپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۆز تېرىتورىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە كافكازلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.