ئۆزبېكىستان بۇ يىل 12 - ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ


ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 - دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى 9 - سېنتەبىر كۈنى بۇ قارارنى قوبۇل قىلغان.

پەرغانە تورىنىڭ ئۆزبېكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىرزا ئۇلۇغبېك ئابدۇسالاموۋ بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆزىنى پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنىڭ 30 - سېنتەبىردە باشلىنىپ، 20 - ئۆكتەبىردە ئاخىرىلىشدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، 2 - سېنتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف مىڭىسىغا قان چۈشۈش سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئىدى.

ئىسلام كەرىموف ئاخىرقى قېتىم 2015 - يىلى 29 - مارتتىكى سايلامدا يەنە بىر نۆۋەت پرېزىدېنت بولغان ئىدى.

ھازىر ئۆزبېكىستاننى باش مىنىستىر شاۋكەت مىرزايېف ۋاقىتلىق باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەن. قانۇن بويىچە يۇقىرى كېڭەش رەئىسى نىغمەتۇلا يولداشوف ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزلىكىدىن بۇ ۋەزىپىدىن ۋاز كەچكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ھازىرغىچە تېخى كىمنىڭ ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ۋە كىمنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما شاۋكەت مىرزايېفنىڭ كەلگۈسىدە بۇ ۋەزىپىگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ كۆپلەپ ئانالىز قىلىنماقتا.

ئىسلام كەرىموف 1989 - يىلى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى بولغاندىن تارتىپ، تاكى ئۆلگىچە 27 يىل ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلغان ئىدى.