ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2016.12.05
ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
4-دېكابىر كۈنى ئۆزبېكىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇنقى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. بېلەت تاشلاش كەچ سائەت 20غىچە داۋاملاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان 9383 سايلام پونكىتىدا تىزىمغا ئېلىنغان 20 مىليون 429 مىڭ پۇقرا بېلەت تاشلىشى كېرەك ئىكەن. چەتئەللەردىمۇ 44 سايلام پونكىتى تەسىس قىلىنغان. ئەمما، ھازىرچە قانچىلىك ئادەم بېلەت تاشلىغانلىقى ۋە سايلام نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا ئۆزبېكىستاندىكى تۆت سىياسىي پارتىيىنىڭ نامزاتى قاتناشقان بولۇپ، بۇلار قاتارىدا ھازىر ۋاقىتلىق دۆلەت رەھبىرىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر شاۋكەت مىرزايېۋمۇ بار ئىكەن.
شاۋكەت مىرزايېۋتىن باشقىلار مىللىي تىكلىنىش پارتىيىسى، ئۆزبېكىستان خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ «ئادالەت»پارتىيىسىدىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلاردۇر.
كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 59 ياشلىق باش مىنىستىر شاۋكەت مىرزايېۋنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئېھتىماللىقى زور. شاۋكەت مىرزايېۋ، سابىق ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ 2-سېنتەبىر كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامنى كۆزىتىش ئۈچۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچى خادىملارنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىسلام كەرىموۋ ھايات ۋاقتىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى سايلاملارنى كۆزىتىشىگە يول قويمىغان ئىدى.









