ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستېرى ھاكىموف بېيجىڭدا خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.22


ئىسلام كەرىموف ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك بويىچە قوش تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىش يولىنى تۇتماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستېرى ھاكىموف 20 - ئۆكتەبىر كۈنى تۇيۇقسىز بېيجىڭدا پەيدا بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ خىتاي جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي جامائەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستېرلىقىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستېرى ھاكىموف بېيجىڭدا مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، يەنى سودا، خەۋەپسىزلىك ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستان - خىتاي ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستېرى ھاكىموف مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئۆزبېك تەرەپ رەئىسى، مېڭ جيەنجۇ مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاي تەرەپ رەئىسى ئىكەن.

بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بىرىنچى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئىسلام كېروموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىلگىرىكى يېقىن مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى بۇ يوقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا خىتاي ئېنىرگىيە مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى نۇر بەكرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.