ۋىيېتنام ئايروپورتلىرىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسى ئىنتېرنېت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.30

ۋىيېتنامنىڭ قاتناش مىنىستىرلىكى ئىنتېرنېت ھۇجۇمىغا خىتاي تور بۇزارلىرى مەسئۇل ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم خۇجىمىن شەھىرىدىكى نويباي ۋە تاسونھات ئايروپورتلىرىدا بىردەك كۆرۈلگەن.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا يەنە ۋىيېتنام ھاۋا يوللىرىنىڭ تور بېتىمۇ قىسقا مۇددەت تەسىرگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېرنېت ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ئايروپورتنىڭ بىرى يەنى تاسونھات پەيشەنبە كۈنى بىر خىتاي يولۇچى ھاقارەتلىگەن ئايرودروم ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، 28 - ئىيۇل گۇاڭدۇڭلۇق بىر خىتاي يولۇچى ۋىيېتنامغا كىرەشىدە ۋىيېتنام تاموژنا خادىملىرى ئۇنىڭ پاسپورتىغا سەت گەپتىن بىرىنى يېزىپ قايتۇرۇپ بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى تارقاتقان يېڭى پاسپورتلىرىنىڭ بېتىگە جەنۇبىي دېڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر خەرىتىنى سۇس شەكىلدە بېسىپ كىرگۈزگەن ئىدى.

بۇ سەت گەپ دەل پاسپورتنىڭ شۇ خىتاي خەرىتىسى بېسىلغان بېتىگە يېزىلغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىيېتنامدىن مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋىيېتنام بۇنى تەكشۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ، دەپ ئېلان قىلىپ دېڭىزنىڭ پاراسېل ۋە سپراتېل ئاراللىرى تەۋەسىدە بىر قىسىم سۈنئىي ئاراللىرىنى ياسىغان ۋە ھەربىي قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋىيېتنام، مالايسىيا، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

12 - ئىيۇل خەلقئارا سوت فىلىپپىن خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان دېڭىز تەۋەلىكى دەۋاسىغا قاراپ چىقىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ تارىخىي ئاساسىي يوقلۇقىنى جاكارلىغان. بۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.