جوش خاۋلېي خىتاينى ۋىرۇس مەسىلىسىدە تولۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

پۈتۈن دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچراۋاتقاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جوش خاۋلېي 18-مارت كۈنى «خىتاي كومپارتىيەسى ۋىرۇسنى يوشۇرغاننىڭ ھېساۋىنى بېرىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشلىرىنى «تولۇق ۋە خەلقئارالىق» سەۋىيىدە تەكشۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇش قىلمىشىنىڭ كېيىنكى ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلىپ يەتمەكتىكەن. جوش خاۋلېي بولسا ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىشى قاتارلىقلارنى قاتتىق سۆكۈپ كېلىۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاق ساراينىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئامېرىكاغا كىرىشتىن چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقىرىشىدىمۇ جوش خاۋلېي ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكانىڭ تېببىي ئۈسكۈنىلەر جەھەتتە خىتايغا تايىنىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى تەكىتلىمەكتىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org