ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «فايزىر شىركىتى» ياسىغان ۋاكسىنىنى رەسمىي تەستىقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-12-08
Share

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولغان تاجسىمان ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا يېقىندا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تەستىقىدىن ئۆتتى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى «فايزىر» ۋە «بىئونتېك» شىركىتى ھەمكارلىشىپ ياسىغان تاجسىمان ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنى بىر مەزگىللىك سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭ ئەملەنگەندىن كېيىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ 95 پىرسەنتتىن ئاشىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئەنگلىيە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكادىن بۇ ۋاكسىىنىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئامېرىكا تەۋەسىدە بۇ ۋاكسىنىنى تارقىتىش خىزمىتى بۈگۈنلا باشلىنىدىكەن. ئامېرىكادىكى تېببىي ئورۇنلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى دېكابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلىنىدىكەن. ساقلىق سۇغۇرتىسى بارلار ئۈچۈن ۋاكسىنا ھەقسىز ئەملەنسىمۇ، سۇغۇرتىسى يوق كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا 40-35 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ھەق تۆلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تاجسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردا خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن يۇقۇملىنىپ، بەزىلەر مۇشۇ تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت