ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىزچىل «ئامېرىكا خەلقى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغىلى ئۇزۇن بولدى» دېگەن قاراشقا قەتئىي ئىشىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى دەل مۇشۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان ئىدى. ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرى «ئېدىرلىق» گېزىتىنىڭ 10-مارتتىكى سانىغا بېسىلغان ماقالىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سودا ئۇرۇشى باشلانغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تايىنىپ كەلگەن خىتايدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك مەنبەسى ئاجىزلىسا ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرىگەن. ھالبۇكى، خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن بۇيان ئەينى ۋاقىتتا ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى قوغلىشىپ خىتايغا ئورۇنلىشىۋالغان نۇرغۇن كارخانىلار ئەمدىلىكتە ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىشكە باشلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا خىتايدىكى شەھەرلەرنى قامال قىلىشنىڭ ئىقتىسادىي ئوبوروتقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى ھەمدە ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىگە چات كېرىۋېلىشى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن.
ماقالىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى چەكلەشكە بەزىلەر قوشۇلمىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە قارايدىغان بولساق بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە دونالد ترامپنىڭ قىلغانلىرى توغرا بولغان» دېيىلىدۇ.
