گېرمانىيە ئاپتوموبىل شېركىتى-ۋولكېسۋاگېن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە قارىماي ئوزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا «مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن. ۋولكېسۋاگېننىڭ باياناتى ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋولكېسۋاگېنغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر پارتلاپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
ۋولكېسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى 2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئەندىشە قوزغاپ كەلگەن. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكېسۋاگېننىڭ خىتاي بازىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ستېفان ۋولېيشتېين 19-ئاپرىل شاڭخەيدە مۇخبىرلارغا بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ھەركىتىنى ئاقلاپ، شىركەتنىڭ مىزانىغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەكتەك كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىغان بۇنداق مەسىلىنىڭ بىزنىڭ زاۋۇتىمىزدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىۋاستە قوبۇل قىلىمىز،» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ھېچقانداق كەمسىتىش شەكلى يوق» ئىكەن.
ئۇ يەنە «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادىي نۇقتىدىن مۇمكىنلا بولسا ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكېسۋاگېن «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىۋاستە قوبۇل قىلىمىز» دىسىمۇ، بىراق رايوندا ھۆكۈمەت كونترول قىلمىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى يوق ئىكەن.