كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋولكسۋاگېننى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.05.28

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (ECCHR) گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكسۋاگېننى مال تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالىدىغان بارلىق ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاشقا چاقىرغان.

5-ئاينىڭ 27-كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە چاقىرىق قىلىپ: «ۋولكىسۋاگېن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزىدىغان پايچىكلار يىللىق يىغىنىدا پايچىكلارغا مەزكۇر شىركەتنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئامىللىرىنى قانداق چىقىرىپ تاشلاش پىلانى بارلىقىدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «2017-يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى رايون ئىچى ۋە سىرتىدا قۇللۇق ئەمگىكىگە سالماقتا. ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئىشلىتىلگەن ئاليۇمىن ۋە باشقا مۇھىم ماتېرىياللار ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، قوشۇمچە كارخانا مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش خادىمى جىم ۋورمىتون (Jim Wormington) مۇنداق دېگەن: «ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن قانداقتۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشى قۇللۇق ئەمگىكى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولسۇن دېگەنلىك ئەمەس؛ ۋولكسۋاگېننىڭ پايچىكلىرى بۇ شىركەتنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىل 1-ئايدا، ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلگەن بىر ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئامېرىكا تاموژناسى تەرىپىدىن بايقالغان؛ بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېن ئۇ زاپچاسنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋولكسۋاگېندىن ئۇ زاپچاسنى ئامېرىكانىڭ سىرتىدا سېتىۋاتقان ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورىغاندا، بۇ شىركەت جاۋاب بەرمىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋولكسۋاگېننىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بولمىغان شەكىلدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ياكى ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىغان.

گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكسۋاگېننىڭ 2012-يىلىلا ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇش ئۇلىنى سالغانلىقى مەلۇم. بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى سودا شېرىكى بولغان «شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى» بىلەن بىرلىكتە 2019-يىلى ياسىغان تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.