د ئۇ ق: «ۋولكىسۋاگېن شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنى تولۇق تەكشۈرۈشى لازىم!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.05.29

دۇنيا ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى نامدار ماركىلاردىن بولغان «ۋولكېسۋاگېن» شىركىتىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنى 29-ماي كۈنى چاقىرىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)، «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» قاتارلىقلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا «ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتلىرىنى داۋاملىق ماڭدۇرۇشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق زور دەرىجىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق، بۇلار بولسا ۋولكېسۋاگېننىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەۋجۇت» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ تېخىچە تاقالماستىن بىر خىلدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى مەسئۇلى غەيۇر قۇربان بۇ ھەقتە توختىلىپ «ۋولكېسۋاگېن شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە جەزمەن ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىشى كېرەك» دېگەن.

دەرۋەقە شېففېيلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى 2022-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى ئاپتوموبىل سانائىتى ئېغىر دەرىجىدە خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلىنىپ قالغان. بولۇپمۇ پولات تاۋلاش، ئاليۇمىن ۋە مىس زاپچاسلارنى ئىشلەش، باتارېيە ياساش، چاق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ساھەلەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كۆپلەپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، غەرب ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بۇ ھالقا ئىزچىل دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.