ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋولكسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بېكىتكەن مورگان شىركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا، مورگان ستەنلى خەلقئارا مەبلەغ گۇرۇھى (MSCI) غا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئۇيغۇر ئەمگىكىگە چېتىشلىق ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) نى ئاگاھلاندۇرۇشتىن نېمىشقا ۋاز كەچكەنلىكىنى سورىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى BMW، جاگۇار لەندىروۋىر (Jaguar Land) ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا، يۇقىرىقى ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بار دەپ قارىلىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەنگەن شىركەتلەردىن ماشىنا زاپچاسلىرى ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ مورگان ستەنلى خەلقئارا مەبلەغ گۇرۇھىنىڭ قىلمىشىغا كەسكىن نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بۇ دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولغان شىركەتلەرنى جازالاش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org